ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يوللىغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي-ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئىلگىرىكى پىلان بويىچە 2011-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ يەنە ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن 2-قېتىملىق سۆھبەتنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ جاۋاب بەرمىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي تەرەپنىڭ جاۋاب بەرمىگەنلىكى كىشىنى «ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ» دېگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ماركۇس ئادېرېر دىئالوگ ھەققىدە توختىلىپ «ئىككى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى بۇ ھالقىلىق مەسىلە، ئىككى تەرەپنى كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان قىممەتلىك سەھنە بىلەن تەمىنلەيتتى» دېگەن. ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت قاتارلىق مىللىي مەسىلىلەر، ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن. بىراق، بەزى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىئالوگنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.