ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سوت كوللېگىيىلىرىنى تەنقىد قىلدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان 2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دوكلاتىدا خىتاينىڭ «5 ئىيۇل ۋەقەسى» ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە سوت كوللېگىيىلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ سوتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خەلقئارا ئۆلچەملەرگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: «بىز 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە سوت كوللېگىيىلىرىنىڭ ئادىل سوت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىمىز يەنە، سوتقا سىياسىي ئارىلىشىش ئېھتىماللىقى، سوتنىڭ ئوچۇق ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىدۇر.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئالاھىدە سوت كوللېگىيىلىرىنى قۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك سوت ئاچقان.

ئىچكىرىدىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلىرىدىن تەپتىش ۋە سوت خادىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئالاھىدە سوت كوللېگىيىلىرى تەسىس قىلغان.

ئۇلار يەنە ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

دوكلاتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى »گە قاتناشقانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئالاھىدە سوت كوللېگىيىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكى، لېكىن 2010- يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر مەزكۇر سوت كوللېگىيىلىرى تەرىپىدىن ئاز دېگەندە 26 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلاردىن 9 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا داۋاملىق ئېقىپ كىرىشى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.