«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.10
2011.12.10
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ يىل «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشقا چىرقىرىغان.
بۇندىن 63 يىل ئىلگىرى ب د ت دا «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، 10 - دېكابىرنى «خەلقئارا كىشىلىك كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى بۇ كۈندە نامايىش ۋە باشقا شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.