كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى: ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار پىكىر بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بارلىق سۆھبەتلەرگە كىرگۈزۈلۈشى لازىم ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىپ، «ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجە بەرمىسە، ئامېرىكا دىئالوگنىڭ يەنە داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بار -يوقلۇقىنى ئويلىشىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بولمىسا ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن دىئالوگنى قالقان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا پۇرسەت يارىپ بەرگەن بولىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرىقى پىكرى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەت ۋەكىلى مايك پوزنېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈنلۈك دىئالوگ جەريانىدا ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق ئۆكتىچى خىتايلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ «جىددىي ئارقىغا چېكىنگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مايك پوزنېر بېيجىڭدىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دىئالوگلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىم.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋاشىنگتوندا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدىكەن.