كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: شىنجاڭدىكى سوت خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدۇ

مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" گە باغلاپ سوتلىغان كىشىلەرنى سوتلاش تەرتىپى خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى سوت توغرىسىدىكى باياناتىدا " تۇتقۇنلارغا قانۇنى ۋەكىللىك قىلىش چەكلىمىگە ئۇچراپ، سوتنىڭ روشەن دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ھەقىقىي تۈردە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 6 كۈندىن بېرى "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" دە قولغا ئېلىنغان 21 نەپەر كىشى ئۈستىدىن ئارقا - ئارقىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 9 كىشىنى ئۆلۈم جازاسى، 3 كىشىنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسىنى ئاقلاپ،" سوتنىڭ قارارى ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق ۋە ئادالەت قارىشى بار كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئائىت دىلولارنى قوبۇل قىلىشتا ئىھتىياتچان بولۇشنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەنقىدلىگەن شۇنداقلا "سوت جەريانىغا كىملەرنىڭ قاتناشقانلىقى نامەلۇم بولۇپلا قالماي، چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ياكى مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىشىغا يول قويۇلمىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.