ھېللارى كلىنتون خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون خانىم خىتايغا قاراتقان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتۇردى.

كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە، ھىندونوزىيىدىن كېيىنكى ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جايباۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون خانىم يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى بىر كاتولىك چېركاۋىغا بېرىپ، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشتى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، كلىنتون خانىم بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر مەسىلەن ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشكەن.

ھېللارى كلىنتون خانىم خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قەرەللىك تۈردە ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا پۈتۈشكەن. ئۇ يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پۇل - مۇئامىلە، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەرمۇ ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىر ياڭ جىئېچى ئۇچرىشىش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ دائىم تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا پەرقلەر بارلىقى، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ئازايتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.