تالىبانلار كابۇلدىكى ئەڭ چوڭ مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدىكى بىر خەلقئارالىق چوڭ مېھمانخانا 29‏-ئىيۇن كۈنى كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

بومبا ۋە ئو ق ئاۋازى بەش كىلومېتىر يىراقلىققا ئاڭلانغان. تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقەگە ئىگە چىقىپ، بۇ ھۇجۇمنى تالىبانلار ئۆزى پىلانلانغان ۋە قوزغىغان دەپ جاكارلىغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كابۇل شەھىرىدىكى بۇ خەلقئارالىق مېھمانخانىدا مېھمانلار كەچلىك غىزا يەۋاتقاندا، مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم، ئىككىنچى قەۋەتتە بىر قېتىم بومبا پارتلىغان. مېھمانخانىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغان. ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ناتو قىسىملىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچارلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ھەرىكەت قىلىپ، مېھمانخانىنى قوغدىغان.

ھۇجۇم قوزغىغان 3 تالىباننى ئافغانىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئېتىشىش بىرنەچچە سائەت داۋام قىلغان.

مېھمانخانىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋېلىپ، مالىمانچىلىقتا سىرتقا قاچقان مېھمانلارغا قارىتا ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىغان 6 تالىباننى، ناتو قىسىملىرىنىڭ تىك ئۇچار بىلەن كەلگەن مەرگەنلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەمما تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ سانى تېخى تۇلۇق مەلۇم قىلىنمىغان.