مەزكۇر پائالىيەتنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاندا، « بۇ كۆرگەزمە كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جەلپكار تارىخىي، مول مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ -ئادەتلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
6-ئىيۇن كۈنى باشلانغان بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىدىن تارتىپ، چالغۇ ئەسۋابلىرىغىچە بولغان تۈرلۈك بۇيۇملار قويۇلغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەت خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىنى تەشكىللەپ، ئاۋسترالىيىدە ئويۇن قويغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى مەدەنىيەت پائالىيىتى.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئويۇنلىرىنى بايقۇت قىلغان. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى قىرغىنچىلىققا ئەڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاندا يەنە، زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ تارىخىي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋسترالىيىگە كۆچۈپ كېلىش ھېكايىسى بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى شۇنداقلا يەنە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە قانداق تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىدىن ۋاقىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.