شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رايوندىكى ئاھالىلەر ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تاشبۇلاق رايونىنى "زامانغا لايىق ۋە چىداملىق ئۆي سېلىش، ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇش پىلانى " بويىچە ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاشبۇلاق رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بۇ يىلنىڭ بېشىدا باشلىغان بولۇپ، پىلانغا ئاساسەن 200 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن. 3 يىل ئىچىدە پۈتتۈرۈلۈشى پىلان قىلىنغان بۇ قۇرۇلۇشقا ھۆكۈمەت زور مەبلەغ ئاجراتقان.
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاقما نوپۇسلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ جەنۇبتىن چىقىپ ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك ئۇششاق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئات بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى قاتارلىق رايونلاردىكى ئۆيلەرنى چېقىپ، ئۆزگەرتكەن ئىدى.