قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ كوللىكتىپ ئەرز - شىكايەت قىلىشىنى چەكلىگەن

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن پۇقرالارنىڭ مەزكۇر ناھىيىدىكى ۋە ناھىيىدىن يۇقىرى ئورگانلارغا بېرىپ كوللىكتىپ ئەرز - شىكايەت قىلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتايچە تارقىتىلىدىغان يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيىلىك پارتكوم سىياسى قانۇن كومىتېتى ناھىيىدىكى ئەرز - شىكايەت ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرلارغا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىتىپ، ئۇلاردىن ئەرز - شىكايەتچىلەرنى تەقىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكىنى ئېلىپ تۇرۇش، نىيىتىنى ئىگىلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئېچىش قەدىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك داۋا ئىشلىرى شىددەتلىك كۆپىيىشكە باشلىغان. يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىل داۋالارنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز ياكى ئىستەكسىز بولغانلىقتىن، داۋاگەرلەر ئاپتونوم رايون، ھەتتا بېيجىڭغا ئەرز - شىكايەت قىلىپ بارىدىغان ھادىسىلەر كۆپەيگەن ئىدى. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر پۇقرالارنىڭ ئەرز - شىكايىتىنى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىنىڭ ئالدىدىكى نوپۇزىغا داغ چۈشۈرگەنلىك دەپ قارىغاچقا، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توساپ كەلگەن.

"پىڭئەن "تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك سىياسى قانۇن كومىتېتى يەنە، يەرلىك كادىرلارنى، پۇقرالارنىڭ كوللىكتىپ ئەرز - شىكايەت قىلىشىنى، دەرىجىدە ھالقىپ ئەرز قىلىشىنى قەتئىي توساپ، ئەرز - شىكايەت ئىشلىرىنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرغان.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئەرزدارلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلىشى يېڭى ئەھۋال ئەمەس.

يېڭىسار ناھىيىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئىلگىرى مەزكۇر ناھىيىدىن چىققان ئەرزدار ھېكىم سىيىتنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن مەزكۇر ناھىيىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىگە ھېكىم سىيىتنى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغۇزماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.