«خىتاي بىلىم» خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچ پەقەت بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە قېزىلغان كۆمۈر مەھسۇلاتىنى ھەققىدىكى سانلق مەلۇماتلار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆمۈرلەرنىڭ 36.5 پىرسەنتىنى خىتاي دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كۆمۈر شىركەتلىرى قېزىپ چىقارغان بولسا، قالغان قىسمىنى خىتاينىڭ شەخسىي شىركەتلىرى قازغان ئىكەن.
خەۋەردە بۇ كۆمۈرلەرنىڭ سېتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، كىملەرگە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكى تەپسىلىي بېرىلمىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يېلىدىن باشلاپ «غەربىنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش»، «غەربىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى.