كۆمۈر قاتلىمى گازى كۆمۈر قاتلىمىدىكى سۈمۈرگۈچ گاز بولۇپ، كۆمۈر بىلەن بىللە تۇرىدىغان، سۆمۈرگۈچ ھالىتىدە كۆمۈر قاتلىمىدا ساقلىنىدىغان بىر خىل تەبىئىي گاز ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈرلۈكنىڭ زاپىسى 5.9 تىرليون كۇپمېتىر بولۇپ تەبىئىي گاز زاپىسى بىلەن تەڭ ئىكەن. بۇ رەقەم خىتاينىڭ پۈتۈن كۆمۈر قاتلىمى گازى زاپىسىنىڭ 26 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى گاز مىقدارى بىر تىرليون كۇپمېتىردىن ئاشىدىغان 9 ئويمانلىقنىڭ 4 ئى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاسىتى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش خىزمىتىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، جەنۇبىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى، تۇرپان - قۇمۇل كۆمۈرلۈكى ۋە كۇچا - باي كۆمۈرلۈكى كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش - تەكشۈرۈش پىلانلىرىنىمۇ يولغا قويغان.
ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تەبىئىي گاز بىلەن بىرلىكتە زاپىسى مول ۋە كەڭ دائىرىدە ساقلىنىپ ياتقان كۆمۈر قاتلىمى گازىنى يېڭى ئېنىرگىيە سۈپىتىدە ئېچىش باشلانغان.
ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىغا تەۋە بولغان بۇ تەبىئىي بايلىقلاردىن ئۇيغۇرلار قىلچىلىكمۇ مەنپەئەت ئالالمايۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئىشچىلار مەنپەئەت ئالىدىكەن.