نۇر بەكرى سەندۇڭ شىركىتىنىڭ قۇبۇقساردىكى بىر كۆمۈر كېنىدا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنى دەرھال قۇتقۇزۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى

شىنخۇا تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەندۇڭدىكى 'لۇنېڭ' كۆمۈر ئېلىكتىر -خىمىيە شىركىتىنىڭ قۇبۇقساردىكى بىر كۆمۈر كېنىدا تۈنۈگۈن كان گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كان تېگىدە قاپسىلىپ قالغان 21 ئىشچىنىڭ 11 ى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. قالغان 10 ئىشچى تېخىچە كان تېگىدە قاپسىلىپ تۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ، سەندۇڭنىڭ قۇبۇقساردىكى بۇ كۆمۈر كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە، يەر قاتلىمىدا قاپسىلىپ قېلىپ تېخىچە قۇتقۇزۇۋېلىنمىغان تېخنىك ئىشچىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان ئىدارىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى مەدھىيىلىدى.