پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، 2010-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، "12-5 يىللىق پىلان" جەريانىدا قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدە توختالدى.
شىنخۇا تورىنىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جاڭ چۈنشەن سۆزىدە 2010-يىللىق خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، "2010-يىلىنىڭ ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كرىزىسنىڭ ھۇجۇمى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىبارەت قوش تەسىرگە ئۇچرىغان، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق مۇرەككەپ ھەم قاتتىق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىپ، ئېلىشىش بىلەن تولغان بىر يىل بولغانلىقى" نى كۆرسەتكەن.
ئۇ داۋاملىق ئېلىپ بارغۇسى خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، 2011-يىلىدا ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاتار سىياسەت ۋە خىزمەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرىلىدىغانلىقى ، جۈملىدىن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
جاڭ سۆزىدە "ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش"نى قايتا تەكىتلەپ، "مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش ھەمدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى"نى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 10% ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، ۋاڭ لىچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەن بەلگىلەنگەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇمشاق سىياسىي تاكتىكا قوللىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان جاڭ چۈنشەننىڭ سۆزلىرىدە "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش" شوئارلىرىنىڭ قايتىدىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.