دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر يېزىدىكى ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، ئۆي ئاختۇرۇشنى ئىجرا قىلغۇچىلار 50-60 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا مەزكۇر يېزىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى، يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى ۋە ناھىيىلىك ھەم يېزىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۆي ئاختۇرۇش جەريانىدا ئاھالىلەرگە ھېچقانداق بىر ئالدىن ئۇقتۇرۇش بېرىلمىگەن، ئاختۇرۇش يېرىم كېچە ياكى تاڭ سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان.
خىتاي ساقچى-ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى يېزا ئاھالىسىدە ئېغىر پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغان. ئاختۇرۇش داۋامىدا ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ۋە قورۇسىنىڭ بارلىق بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا قەدەر تەكشۈرۈلۈشتىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرى ۋە سىرتتىن كەلگەن مېھمانلار بىر-بىرلەپ تىزىملانغان. ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا ساقچىلار ئېنىق بىر نىشانىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئاھالىلەر ساقچىلارنىڭ چوڭ بىر دېلوغا چېتىشلىق مەلۇم بىر جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مەلۇم بىر گۇرۇھ ياكى شەخسنى ئەمەس، پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنى جىنايەت گۇماندارى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاۋام خەلقنىڭ نارازىلىق قوزغىلىپ قېلىشىغا پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ تۈرلۈك قانۇنسىز ئىجرائاتلارنىڭ ئاقىۋەتتە رايوندىكى خىتاي خەلقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.