كۈنەستە يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىگە رايوندىكى تۆمۈر كانى سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

31-ئىيۇل كۈنى ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئارالتۆپە بازىرىدىكى تۆمۈر كان رايونىدا ئېغىر دەرىجىدىكى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.07.31

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم تاغ گۈمۈرۈلۈش يۈز بەرگەن يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر بولۇپ، كۆمۈلۈپ قالغان جاينىڭ چوڭقۇرلۇقى 5-6 مېتىر ئىكەن. بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆمۈلۈپ قالغان 28 كىشىدىن 14 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. نۆۋەتتە كولاش داۋاملىشىۋاتماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدە كۆمۈلۈپ قالغان 28 كىشىنىڭ 22 نەپىرىنىڭ شۇ يەردىكى كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى تاغ سىيرىلىش ۋەقەسىگە رايوندا ئېچىلىۋاتقان تۆمۈر كېنىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىلى رايونىدا بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئادەملەرنىڭ تاغ رايونىنى زىيادە كولىشى سەۋەبلىك، تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە 70-يىللاردا ئىلى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تاغ ئىچىدە لەخمە كولاپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە كۈنەس ناھىيىسىدىكى قارابۇغرا تاغ ئارىسىدا يۈزلىگەن مەھبۇسلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن تاغ ئاستىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.