خەۋەردە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەر ئىكەنلىكى، يېشىنىڭ 22 ياش بىلەن 39 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى بايان قىلغان. ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ مىللەت تەركىبى بىلدۈرۈلمىگەن. خەۋەردە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالمىغان، ۋەقە پەقەت بىر ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن تەبىئەت ھادىسىسى سۈپىتىدە بايان قىلىنغان.
ئەمما، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا، غۇلجىنىڭ كۈنەس، تېكەس ۋە نىلقا تاغلىرىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى خالىغانچە قېزىۋاتقانلىقى ۋە بۇ قېزىش ۋە تەكشۈرۈشلەرگە ھېچقانداق بىر ئىلمىي تەلەپ ياكى سۈپەت ئۆلچىمى قويۇلمايۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم شىكايەت قىلىنغان ئىدى.
