كوپېنھاگىندا «سوتسىيالىستىك خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلماقچى

دانىيىنىڭ پايتەختى كوپېنھاگىندا مۇشۇ ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى «ئىناق جەمئىيەتكە رىقابەت-سوتسىيالىستىك خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەزكۇر يىغىن ھەققىدە چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر قاتنىشىپ، دوكلات بېرىدىكەن.

يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت قىسمىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگىيە پروفېسسورى دىرۇ گلەدنېي قىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولغان ئىسىملاردىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى گاردنېر بوۋىڭدون «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئىناقلىق‏-11-سېنتەبىردىن كېيىنكى ئالاھىدە پىلانلاش» تېمىسىدا، ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تارىخى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دوكتور. مايكېل دىللېن «دىن، بېسىم ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى-خوتەن ۋە قەشقەر» تېمىسىدا سۆز قىلىدىكەن.

يىغىندا يەنە، ئامېرىكا نېۋكەسول ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جونى فىنلى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېرىك شۇلۇسسېل قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ دوكلات سۇنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىن دانىيە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ھەيئىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى نويابىردا كوپېنھاگىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان «خىتاينىڭ غەربىي رايونلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ۋە يەرلىكلەرنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسى» تېمىسىدا چاقىرىلغان يىغىننىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە بۇ خىل يىغىنلارنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئارتماقتا.