ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن 'بىز ئاخىرقى ھېسابتا بىر كېلىشىم ئىمزالىيالىدۇق. تېرىشچانلىق بىكار كەتمىدى. بۇ، ناھايىتى مۇھىم باشلىنىش. بۇ كېلىشىم كېلەر يىلى ھەممە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قويۇشى ئارقىلىق، دۇنيادا ھەممە دۆلەت رىئايە قىلىدىغان قانۇن خارەكتىرلىق كېلىشىمگە ئايلىنىدۇ ' دەپ جاكارلىدى.
بۇ قېتىم ئامېرىكا، خىتاي قاتارلىق بەش چوڭ دۆلەت ئىمزالىغان كېلىشىملىرىدە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 30 مىليارد ئامېرىكا ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى.
گەرچە بۇ كېلىشىمىنى تەرەققى قىلىۋاتقان كېچىك دۆلەتلەر، كۆپ سانلىق ئارال دۆلەتلىرى، ئافرىقا بىرلىكى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋېنسۇئىلا، كۇبا، نېكاراگۇا، ئىكۋادور، بولىۋىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمگە قارشى تۇردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئىمزالانغان خەلقئارا كېلىمات كېلىشىمىدە كۆرسۈتۈلگەن سان - سېفىرلار ئىلمىي كۆز قاراشلارغا ئۇيغۇن، ئەگەر شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىنسا، يەر شارىدا پەيدا بولۇۋاتقان كېلىمات ئۆزگۈرۈشىدە تېمپوراتور ئاز دېگەندە 2 سېلسىيە گرادۇس تۆۋەنلىشى مۇمكىن.