جەنۇبىي كورىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى

جەنۇبىي كورىيە بۈگۈن تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك دېڭىز ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى. 5 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ ھەربىي مانېۋىرغا 29 ھەربىي پاراخوت، 50 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 4 مىڭ ئەسكەر قاتنىشىدىكەن.

ب ب سنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرى مانېۋىرنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان دېڭىز رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە ھەقىقىي ئوق - دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورىيە بولسا ھەربىي مانېۋىرغا قايتارما زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت قىلدى ۋە باشقا كېمىلەرنى رايوندىن دەرھال ئۇزاقلىشىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى بۇ ھەربىي مانېۋرنىڭ مۇداپىئە خاراكتىرلىك ئىكەنلىكىنى، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يېرى كەلسە يادرو قورالى ئىشلىتىش بىلەن تەھدىت قىلغان ئىدى.