بۇ نامايىشنى جەنۇبىي كورىيىدىكى "كورىيە ئەركىنلىك فېدېراتسىيىسى" تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 150 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.
نامايىشچىلار شىمالىي كورىيە پرېزىدېنتى كىم جۇڭ-ئىلنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى كۆيدۈرگەن ۋە " كىم جۇڭ-ئىل ۋە كىم جۇڭ-ئۇن دىكتاتورىلىقى يوقالسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.
سېئۇلنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار كىم جۇڭ-ئىلنىڭ مودېلىنى كۆيدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا سىمۋول قىلىنغان تاۋۇزلارنى يېرىپ غەزىپىنى ئىپادىلىگەن.
ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى، شىمالىي كورىيە جەنۇبى كورىيىگە توپ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە بىر نەچچە جەنۇبى كورىيىلىكنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
دۇنيا جامائەتچىلىكى شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىگە بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۇ جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان.