بۇ ھەربىي خەۋپسىزلىك كېلىشىمى بويىچە، ئىككى دۆلەت بەلگىلەنگەن ھەربىي ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىكەن.
خەلقئارا ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، 1910-1945-يىللىرى ئارىسىدا ياپون ئىمپېرىيىسىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن ياپونىيىدىن داۋاملىق ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ قەدەمنى تاشلىشى، ھەم جەنۇبىي كورىيە خەلقىنى، ھەم رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلار بۇنى «تارىخى بىر ۋەقە» دەپ باھالىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرماقچى بولۇشى، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنى ۋە خىتاينىڭ رايوندا كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
جەنۇبىي كورىيىنىڭ ياپونىيە بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكچى بولۇشى دۆلەت ئىچىدە ئوخشىمىغان مۇنازىرىلەرنى ياراتقان. ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئارىسىدا ھەتتا كورىيە باش مىنىستىرى لى مۇڭباكنى «دۆلەتنى سېتىش» بىلەن ئەيىبلىگۈچىلەرمۇ بولغان. ئەمما، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئامېرىكا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىدىن ئىبارەت ئىككى شېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ» دېدى.