خىتاي ھۆكۈمىتى روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى گۇچۇڭ ھاراق زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكچى

دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق دىنىي بايرىمى بولغان روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە گۇچۇڭ ھاراق زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەنمەكچى.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر زاۋۇت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى بىر يۈرۈش تەبرىكلەش مۇراسىملىرى ئارقىلىق خاتىرىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مۇراسىمنىڭ 19-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر بىز تورى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق «مۇقىملىقنى قوغداش» نى تەشەببۇس قىلىدىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر بىز تورى ماقالىسىدە، گۇچۇڭدىكى تۇڭگان ئاھالىلىرىدىن خا دېسۇننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، خادېسۇن سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىنى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش دەيدىغان بىر خىيالىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بۇ يىل رامزان كىرگەندىن بۇيان ئەسلىدىكى دىنى چەكلىمە سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ھاراق زاۋۇتى مۇراسىمىنىڭ يەكشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ مەقسەتلىك، دەپ قارىماقتا. ئۆتكەن ھەپتىلەردە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ساخاۋەتچى كاۋاپچى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئالىم خالىقنىڭ رامزان مەزگىلدە كاۋاپخانا ئېچىشى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.