كورلىدىكى نېفىتلىكتە پارتلاش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلگەن

كورلا شەھىرى نېفىت خىمىيە جەنۇبىي يولىدىكى بىر نېفىتلىكتە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پارتلاش مەيدانغا كەلگەن. پارتلاشتا بىر ئادەم ئۆلگەن، بىر كىشى يارىلانغان. شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش نېفىتلىكتىكى بىر ماي باكىدا چىققان بولۇپ، ۋەقەنىڭ مەشغۇلاتتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 50:11 مىنۇتلار ئەتراپىدا نېفىتلىكتىكى 40 كۇب مېتىر چوڭلۇقتىكى ماي باكىدا مەيدانغا كەلگەن، باكنىڭ ئىچىدىكى ماي پۈتۈنلەي سىرتقا ئېقىپ ئوت تۇتۇشۇپ كۆيۈپ كەتكەن. ئەتراپنى قويۇق ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتكەن.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئوت ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلۈپ، سوۋۇتۇش خىزمىتى ۋاقتىدا ئىشلەنمىگەن بولسا، پارتلاش باشقا ماي باكلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.