مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خوتۇنسۇمۇل ناھىيىسىنىڭ بالغۇنتاي شەھەرچىسىدە 25 - چىسلا كەچتە يامغۇر ياغقاندىن كېيىن ئەتىسى قار ياغدى. ساغاننۇردىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان ئارىلىقنى 30 نەچچە سانتېمىتېر قېلىنلىقتا قار قاپلىدى. ئارغىيبۇلاق رايونىنى 50 سانمېتىمىتېر قار قاپلىدى. بىر قىسىم ئېلېكتىر سىم يوللىرى بۇزۇلدى. يوللاردا قاتناش توختاپ قالدى.
دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىمۇ قاتتىق يامغۇر يېغىپ، 1978 - يىلىدىن بۇيانقى ھۆل - يېغىن رىكورتى بۇزۇلدى. بۇ كۈنلەردە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا سوغۇق ئېقىم پەيدا بولدى، جەنۇبىدا بولسا، قارا قۇرۇم ئېتەكلىرىدىكى رايونلارغىچە بولغان ئارىلىق قۇم بوران ئىچىدە قالدى.
يەرلىك تور بەتلەردە بايان قىلىنىشىچە، تۇرپان ئويمانلىغىمۇ 25 - چىسلادىن باشلاپ قويۇق چاڭ - توزان ئىچىدە قالدى. شامال ئېغىزلىرىدا 11 بالدىن يۇقىرى بوران چىقتى. چوڭ يوللاردا يۈك ئاپتوموبىللىرى قاپلىشىپ قالدى. مۇشۇ كۈنلەردە بۇ رايونلاردا ياشاۋاتقان خەلق قاتتىق بىئارام بولدى.