بوشۈن تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تۇتقۇن قىلىش شۇ جاي ۋاقتى 31 - ماي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 - 11 لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە كورلا شەھىرىگە قاراشلىق خەلپىئېرىق كەنتى ئۈستۈن چاچى مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان باشقا خرىستىئان مۇرىتلىرى چاچى ساقچىخانىسىغا بېرىپ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
نەتىجىدە مەزكۇر 12 نەپەر تۇتقۇننىڭ 8 نەپىرى 1 - ماي ئەتىگەن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا قۇيۇپ بېرىلگەن بولۇپ، باشقىلار ساقچىخانىنىڭ كۆزىتىش ئورنىدا ئېلىپ قېلىنغان. نۆۋەتتە بۇلار ھەققىدە باشقا مەلۇمات يوق.
خىتاي پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل تۈردە دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكى كومىتېتى بۇ يىللىق دىنىي ئەركىلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۆرىگەن ئىدى.