كوسوۋا ساقچىلىرى ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى

يەكشەنبە كۈنى كوسوۋا ساقچىلىرى ۋە كوسوۋادا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ئەترىتى كوسوۋانىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەردە سېربلار بىلەن ئالبانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ تارقاتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنى تەخمىنەن 2000 ئەتراپىدىكى ئالبان مەزكۇر شەھەردىكى سېربلارنىڭ يەرلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە ئوق چىقىرىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن.

كوسوۋا يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەت بولۇپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتە مۇسۇلمان ئالبانلاردىن باشقا يەنە سلاۋىيان سىستېمىسىغا تەۋە سېربلارمۇ ياشايدۇ. سېربلار كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىغە قارشى چىققان.

كوسوۋانىڭ شىمالىدىكى سېربلار كۆپرەك جايلاردىكى ۋەزىيەت ھازىرغا قەدەر جىددىي بولۇپ، ئالبانلار بىلەن سېربلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ نازۇكلاشقان ئىدى. كوسوۋا ئەسلىدە سېربىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان جاي ئىدى.