كوسوۋادا سابىق پرېزىدېنت كلىنتوننىڭ ھەيكىلى تىكلەندى

1 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى، كوسوۋا پايتەختى پرىستىنادا سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتونغا بېغىشلاپ تىكلەنگەن ھەيكەلنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ھەيكەل سابىق پرېزىدېنت كلىنتوننىڭ ھەيكىلى بولۇپ، مۇراسىمغا پرېزىدېنت كلىنتونمۇ قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە،، شۇ كۈنى سوغۇققا قارىماي مىڭلىغان كوسوۋالىقلار پرېزىدېنت كلىنتوننى قارشى ئېلىشقا چىققان.

پرېزىدېنت كلىنتون، ئارقا كۆرۈنۈشىگە "كوسوۋا بىر قەھرىمانغا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ" دېگەن خەتلەر يېزىلغان نۇتۇق سەھنىسىگە چىققاندا، كوسوۋالىقلار "ئامېرىكا"، "كلىنتون" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پرېزىدېنت كلىنتون ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئاچقان. ھەيكەل جەمئىي 1 توننا ئېغىرلىقتا 3.5 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، ھەيكەلنى كوسوۋالىق ھەيكەلتىراش ئىزېىر مۇستافا ياساپ چىققان.

كلىنتون يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا: "مەن دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە، بىرى مېنىڭ بۇنداق چوڭ ھەيكىلىمنى قاتۇرىدۇ دەپ ئويلىمىغان،" دېگەن.

يۇگوسلاۋىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋادا ئالبان مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈرۇپ، 800مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ مۇساپىر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، 1999 - يىلى مارتتا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى يۇگوسلاۋىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان.

78 كۈنلۈك ئېغىر بومباردىماندىن كېيىن، يۇگوسلاۋىيە قىسىملىرى كوسوۋادىن چېكىنگەن ۋە كوسوۋا 2008 - يىلى 17 - فېۋرال رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئىدى.