ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدە سەل ئاپىتى يۈز بەردى

ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدە 29 - ئىيۇل چۈشتە ئېغىر سەل ئاپىتى يۈز بەرگەن. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئاپەت يەرلىك ئامما ۋە بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالغان. ئەمما، خەۋەردە ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى ۋە ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا قۇتقۇزۇش ئەترىتى 30 - ئىيۇلغىچە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلەلمىگەن.

كەلكۈن ئاپىتى كۇچا ناھىيە بازىرىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ جىلغىسىدا يۈز بەرگەن.
بىز ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز ئالدىمىغا ئۇچۇر ئىگىلىيەلمىدۇق.