قۇمۇلدا قىممىتى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان مىس - نېكىل رودا كېنىدا ئىش باشلاندى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تىز سۈرئەت بىلەن ئېلىپ بارماقتا. تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇمۇلغا جايلاشقان خۇاڭشەن مىس - نېكىل كانىنىڭ كۈندە 4000 توننا رۇدا ئايرىش قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلانغان.

بۇ كان قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 130 كىلومېتىر يىراقلىققا توغرا كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى رەڭلىك مېتال زاپىسى ئەڭ كۆپ كان ھېسابلىنىدىكەن.

كان رايونىدا ھازىر بايقالغان مىس - نېكىل رودا زاپاس مىقدارى 84 مىليون توننا، نېكىل مىقدارى 380 مىڭ توننا، مىس مىقدارى 220 مىڭ توننا، كۇبالت مىقدارى 32 مىڭ توننا ئىكەن. بۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.

تېخى يېقىندىلا قۇمۇلدا قىممىتى 200 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان مولبىدىن زاپىسى بايقالغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، قۇمۇل رەڭلىك مېتاللار، كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار، خىمىيىۋى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول كان بايلىقىغا ئىگە رايون ئىكەن.

قۇمۇلدىن قېزىلىۋاتقان كۆمۈرمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، قۇمۇلنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش پىلانى بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلماقتا.