كۈرەش مەخسۇت سۆزىدە سەرگەردان بالىلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ «بۇ بالىلارنى جەمئىيەتكە، شىنجاڭغا ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئاددىي مەسىلە بولۇپ قالماستىن، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
كۈرەش مەخسۇت سۆزىدە ئىچكىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «شىنجاڭلىقلارنى» يانچۇقچى دەپ قارايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى بىئارام بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
خەلق تورىنىڭ يېزىشىچە، كۈرەش مەخسۇت «بىز بىر شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنىڭ يانچۇقچىغا ئوخشاش بولۇپ قالغانلىقىدىن بىزنىڭ قەلبىمىز ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلدى» دەپ تەكىتلەپ، شۇ سەۋەبتىن سەرگەردان بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش لازىملىقىنى چۈشەندۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنىڭ بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ بارغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن كۈرەش مەخسۇتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «كۈرەش مەخسۇتنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنىڭ يانچۇقچىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى رەسمىي مەتبۇئات يۈزىدە ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇندىن بۇيان كەمسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن ئىبارەت» دەپ بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت يەنە «شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ھەقىقىي تۆككەنلەر سەرگەردان بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن قانۇنسىز ئۇنسۇرلارلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى سەۋەبكار، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرى سەۋەبكار، ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى يانچۇقچى، ئوغرى، تېررورچى دەپ ھاقارەت قىلىش، مېھمانخانىلاردىن ياتاق بەرمەسلىكتەك قىلمىشلار ئەۋجى ئالدى» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈردى.