«كۈرەشچان ئەجدادلار» ناملىق كىتابچە تۈركىيىدە نەشر قىلىندى

تۈركىيىدىكى « تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» يېقىندا «كۈرەشچان ئەجدادلار» ناملىق كىتابچىنى نەشر قىلدى. مەزكۇر كىتابچىغا 1980 - يىللاردا ئۆزىنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يازغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر شېئىرلار نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، رىزۋانگۇل ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلارغا بېغىشلانغان.


«تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ شېئىرلارنىڭ تىلىنىڭ بالىلارغا خاس يېنىك، ئاممىباب بولۇشتەك ئالاھىدىلىكتىن باشقا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن تارىخى ئۆتكەن قەھرىمانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىپ، چەتئەللەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل مۇھىتىدا تەربىيىلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى بالىلار شېئىرلىرى 1980 - 90 - يىللاردىكى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى.