بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ دىگۋارى بويىچە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەھسۇلات ئىكەن. بۇ خىل يېڭى ئوقنىڭ سۈرئىتى ئاۋازدىن ئىككى ھەسسە تېز. ئۇ، ئېتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇچىدىكى ئوپتىكىلىق سەزگۈر ئەسۋاب، ئېتىلغان نىشانغا تېگىش يولىدا قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى ئۆزى بىرتەرەپ قىلالايدىكەن، ماتورىنى ئۆزى بىر سېكۇنتتا 30 قېتىم تەڭشىيەلەيدىكەن.
بۇ يېڭى شەكىللىك ئوق ھازىر بىر يېرىم كىلومېتىرلىق نىشان بويىچە سىناقتىن ئۆتكەن. ئۇنى قانداق مىلتىقتا ئاتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تېخى مەلۇم ئەمەس.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئىشلەپ چىقىلغان يېڭى ئوقنى، بۇنىڭدىن ھەربىي قىسىملار تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتتە قوللانماقچى. ئەگەر بۇخىل ئوق جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتسە، بىخەتەرلىك ساھەلىرى ئۈچۈن ئەنسىزلىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
