پانېتتانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىسى كەلگۈسىدە زور ۋەقەلەر يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بولۇپمۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى شىمالىي كورىيىنىڭ تەھدىتى قاتارلىق كۆپ خىل رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پانېتتا ئۆتكەن سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ ھىندىستاننى ئىككى كۈنلۈك زىيارەت قىلىپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سېڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ھىندىستان مۇداپىئە ۋە ئانالىز ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.
پانېتتا نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن بىردىن ئارتۇق دۆشمەنگە تەڭ تاقابىل تۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا كورىيىدە ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، فورمۇز بوغۇزىدىمۇ غەلىبە قىلالايدىغان ھەربىي ئىقتىدارنى ھازىرلاشقا موھتاج، دېگەن. پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا يەر شارى ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىلانى خىتاينى قاتتىىق بىئارام قىلغان ئىدى.
پانېتتا، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، پيوڭياڭنىڭ يادرو قوراللار پىلانى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورىيىگە تەھدىت سېلىپ قالماي، خىتاي ئۈچۈنمۇ زور تەھدىت ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەشكە ئاكتىپ پوزىىىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.