بۇ خىتاي ئەمەلدارىنىڭ 2001-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، پارا ئالغان پۇلى بىر مىليون 5 يۈز 54 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
لى جەنجۈن بۇ يىل 4-ئايدا 34.65 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان غۇلجا شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاۋ باۋخۇا ۋە ئۇنىڭ 12 مىليون يۈەنلىك پارىخورلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دۇ فامىلىلىك ئاشنىسىدىن كېيىن، پارىخورلۇق قىلمىشى ئاشكارىلانغان يەنە بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارى.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان مىليون يۈەندىن يۇقىرى پارىخورلۇق قىلمىشى ئاشكارىلانغان خىتاي ئەمەلدارلىرى بارغانچە كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قانۇنىي جازاغا تارتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش تېخىمۇ چوڭ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندا كۆرسەتكەن خىزمىتى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن داۋاملىق قوغدىلىپ كېلىشى، ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولماقتا.