لى ۋاڭياڭنىڭ ئۆلۈمىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنماقتا

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تىئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتناشقۇچىسى لى ۋاڭياڭنىڭ ئۆلۈمى قاتتىق گۇمان قوزغىماقتا.

لى ۋاڭياڭ، چارشەنبە كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى شاۋياڭ شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا ئۆلۈك ھالدا بايقالغان ئىدى. ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ياتاقخانىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 22 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى قارىغۇ ۋە گاس ھالدا ئازاد قىلىنغان لى نىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋېلىشقا يەتمەيدىغانلىقى بىلدۈرمەكتە.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لى ۋاڭياڭ شاۋياڭدىكى دوختۇرخانىدا يۈرەك، دىئابېت كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ ياتاقخانىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرۇلىدىكەن. بەزى كۈنلەردە ئۇنى كۆزىتىدىغان ساقچىلارنىڭ سانى 10 غا يېتىپ بارىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىر ئادەم ئۆزىنى ئېسىۋالغۇچە ھېچكىمنىڭ سەزمەي قېلىشى-لى ۋاڭياڭ ئۆلۈۋالغان ئەمەس، ئۆلتۈرۈلگەن دەيدىغان گۇماننى كۈچەيتكەن.

بۈگۈن مەركىزى خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىنتېرنېتتا ئىمزا يىغىش ھەرىكىتى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى لى نىڭ جەسىتى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لى نىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بايانانىدا نۇرغۇن گۇمانلىق نوقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. توردىكى بۇ ھەرىكەتكە ھازىرغىچە داڭلىق سەنئەتكار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى ئەي ۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يازغۇچى، تەتقىقاتچى، ئادۋوكاتلاردىن بولۇپ 3000 دىن ئارتۇق كىشى ئاۋاز قوشتى.

لى ۋاڭياڭنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى جاۋ بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەسەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ئۇ تەكشۈرۈشنىڭ قاچان، قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق. ھازىر بۇ ئىككىيلەن شاۋياڭ شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا نەزەربەنتە تۇرماقتا.