خىتاي لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى جار سالدى

خىتاي دائىرىلىرى لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىمەكتە. لىۋىيىدە مەيدانغا كەلگەن ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيىگە قارشى جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

ئەينى چاغدا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن قارارنى قوللاشقا مەجبۇر بولغان خىتاي بولسا، ئەمدىلىكتە ئامېرىكا ۋە ناتو كۈچلىرىنىڭ لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولغان بىر شارائىت ئاستىدا، ھەدەپ لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى تىلغا ئېلىشقا باشلىدى.

ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لى باۋدۇڭ خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى لىۋىيىگە بىر ھەرىكەت قوللىنىشتا، ئالدى بىلەن لىۋىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، مۇستەقىللىقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئەسكەرتكەن.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈمۇ مۇخبىرنىڭ «خىتاي خەلقئارا كۈچلەرنىڭ لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈشنى قوللامدۇ» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ «مەنچە، خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دېگەننى قايتا تەكىتلىگەن ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.