بۇ ئىمزالىق خەت ، 2008 - يىلى 8 - دېكابىر كۈنى ليۇشاۋبو ۋە باشقا 300 دىن ئارتۇق زىيالىي خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھاتقا چاقىرغان «2008 - خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا بۇ يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچى مو يەنگە مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى شىۋىتسىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ۋاقىتقا توغرىلاپ تۇرۇپ ئەۋەتىلدى.
ئۇلار شى جىنپىڭغا يوللىغان ئىمزالىق خېتىدە يالغۇز ليۇ شاۋبونىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ ھۆرلۈككە چىقىرىلىشنى تەلەپ قىلىپ : «بۇ سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇشى كېرەك، خىتايدەك زور بىر دۆلەتتە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بولۇشى دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ئىنتايىن زىيانلىق» دېگەن.
بۇنىڭدىن سرت، بۈگۈن يەنە ھەرقايسى ئەللەردىكى 134 نەپەر نوبېل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بىرلەشمە ئىمزا خېتى تەييارلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى جەنۇبىي ئافرىلىق دېسموند تۇتۇمۇ بار.