خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى 2قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىشىگە يول قويۇلمىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى ئۇنىڭ تۈرمىدە تۇنجى قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىشىدۇر. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا 28 -دېكابىر كۈنىمۇ داۋاملىق تۈردە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭيۈ، مۇخبىرلارنىڭ ليۇ شاۋبونىڭ دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىشىگە يول قويۇپ-قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا" جۇڭگو بىر قانۇن دۆلىتى، جۇڭگونىڭ قانۇنى ئۆزىنىڭ جىددىيلىكىنى قوغدايدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ ليۇ شاۋبونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ تەبرىكلىشىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسىنىڭ پەقەت تۈرمىدىكى ئايرىم نازارەتچى خادىملارنىڭ يول قويۇشى ۋە تۈرمىداشلارنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ليۇ شاۋبونىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كونكرېت قانداق شەكىلدە خاتىرىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن. بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە جەمئىيىتى، ليۇ شاۋبونىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبونى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.