بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېنغازى قاتارلىق جايلاردا داغدۇغىلىق تەنتەنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شۇنىڭدەك كېيىنكى 8 ئاي ئىچىدە دېموكراتىك، ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىپ، لىۋىيىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىراق، كازافىينىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت مەسىلىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ب د ت ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر كازافىينىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق تەپسىلات بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. شەنبە كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىدىن كازافىينىڭ ئۆلۈم سىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.