ھىللارىي كىلىنتون لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە سەپىرىنى باشلىدى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون لىۋىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان دىپلوماتىيە سەپىرىنى باشلىدى. كىلىنتون ئەتە ئىستانبۇلدا لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى قوللايدىغان 40 تىن ئارتۇق دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە لىۋىيىلىك ئىسيانچىلار بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىنغا ناتو باش سېكرېتارى ئاندىرېس رامۇسسېن ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كاترىن ئەشتونمۇ قاتنىشىدۇ.

ھىللارىي كىلىنتون چارشەنبە كۈنى سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا جامائەتنىڭ لىۋىيە لىدىرى كازافىي ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كازافىينىڭ ساناقلىق كۈنلىرى قالدى» دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا،كازافىينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى خەلقئارالىق بېسىمنى ئاشۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئىسيانچىلارغا مالىيە ياردىمى بېرىش مەسىلىسى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىسيانچىلار چارشەنبە كۈنى كازافىيغا تارتقۇزۇپ قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك شەھەرنى قايتۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە ئۇلار پايتەخت ترىپولىنى ئىگىلەشنى نىشان قىلماقتا.