ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى لېۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جەفىرى فېلتمان بۈگۈن، 14‏-سېنتەبىر كۈنى لېۋىيە پايتەختى ترىپولىدا، لېۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدېلجېلىل بىلەن كۆرۈشتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لېۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى كازافىينى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىنلا، دۇنيا بانكىسى لېۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە لېۋىيىنىڭ سۇ، ئېنېرگىيە بايلىقلىرى، قاتناش تارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتىمۇ، لېۋىيە بانكىسىغا ياردەملىشىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

نېگىر دائىرىلىرىمۇ، ئوتتۇرا ئافرىقىغا ھازىر كازافىينىڭ يېقىنلىرىدىن 32 كىشى كېلىپ بولغانلىقىنى، ئۇلار ئەمدى بۇنىڭغا دائىر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ناتو بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.