لىۋىيە يەكشەنبە كۈنى ئازادلىق جاكارلايدىكەن

لېۋىيىنىڭ بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى رەھبەرلەر يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن لېۋىيىنىڭ كازافىي قىسىملىرىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى جاكارلايدىكەن.

كازافىينىڭ ساداقەتمەن قوشۇنلىرى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تىركىشىۋاتقان ئاخىرقى شەھەر _ سىرتە شەھىرى پەيشەنبە كۈنى ئازاد قىلىنغان. ھالبۇكى، كازافىينىڭ ھوقۇق ۋارىسى دەپ قارالغان سەيفۇلئىسلامنىڭ يارىلانغاندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ لېۋىيىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارالماقتا.

شەنبە كۈنى ئۆتكۈچى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى مەھمۇد جىبرىل لىۋىيە ئازاد بولغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ۋە ئۆتكۈچى ھۆكۈمەتنىڭ لېۋىيىدە سايلام ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن تارقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لېۋىيىدە ئۇزۇنغا قالماي ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭىدىن ھۆكۈمەت تەشكىللىنىدىكەن.