ئەجدەبىيە شەھىرى لىۋىيىنىڭ شەرقىدىكى نېفىتلىكلەرگە ئۆتىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك شەھەرلەرنىڭ بىر بولۇپ، ئىككى تەرەپ مەزكۇر شەھەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئوتكەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سوقۇشماقتا ئىدى.
CNN دە نەقىل قىلىشىچە، قوزغىلاڭچى تەرەپ باياناتچىسى جالال ئەل غەلەل بىرلەشمە ئارمىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەجدەبىيە شەھىرىنى قورشاپ ياتقان كازافىي ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرىنى بومبىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەھەر ئەتراپىدىكى قۇملۇقتا كازافينىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن تانكىلىرى چېچىلىپ ياتماقتا ئىكەن.
غەلەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنى قوزغىلاڭچى ئارمىيە ئەجدەبىيە شەھەر كوچىلىرىدا كازافىينىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.
كازافىي نامايىشچى ئاممىغا قورال كۈچى ئىشلەتكەندىن كېيىن، نامايىش قوزغىلاڭ تۈسىگە كىرگەن ئىدى.
