لىۋىيىنىڭ دۆلەت مەجلىسى باشلىقى ۋە باش مىنىستىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىز ‏-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى

لىۋىيە دۆلەت مەجلىسى باشلىقى، باش مىنىستىرى ۋە ئاخبارات مىنىستىرى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ ئىز ‏-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۇنىستىن كەلگەن خەۋەرلەردە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئەمەلدارلاردىن لىۋىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئاخبارات مىنىستىرى ۋە نېفىت مىنىستىرى قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ تۇنىسقا يېتىپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۇنىستىن ئايرىلىپ 3-بىر دۆلەتكە كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسا، بۇ ئالدىنقى كۈنى لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇسا كۇسانىڭ كازافىيدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەنگلىيىدىن پاناھلىق تىلەش ۋەقەسىدىن كېيىنكى كازافىي ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر زەربە بولۇپ قالىدۇ.

ئاقساراي ئالدىنقى كۈنى مۇسا كۇسانىڭ كازافىيدىن يۈز ئۆرۈش ۋەقەسىنىڭ كىشىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ۋەقە كازافىي ھۆكۈمىتى يىمىرىلىشكە باشلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى دېگەن ئىدى. لېكىن لىۋىيىدە كازافىيغا سادىق كۈچلەرنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان.

خەۋەرلەردە كازافىي قىسىملىرىنىڭ جۈمە كۆنى نامايىشچىلارنىڭ قولىدىكى مىسراتا شەھىرىنى داۋاملىق توپقا تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ئارىدا ش ئا ئە ت نىڭ كازافىي كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى، ش ئا ئە ت نىڭ مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. لېكىن مەزكۇر خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھازىرغا قەدەر تەرەپسىز مەنبەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان.

قوزغىلاڭچىلار جۈمە كۈنى ئۇرۇش توختىتىش شەرتى ئېلان قىلىپ، ئەگەر كازافىي قىسىملىرى نامايىشچىلارنىڭ قولىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختاتسا، مەملىكەت بويىچە تىنچلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنسا، ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.