لىۋىيىلىك قوزغىلاڭچىلار ئورگىنىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ئارتماقتا

پارىژ شەھىرىدە لىۋىيە يىغىنى رەسمىي باشلىنىش ئالدىدا، لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى لىۋىيىنىڭ ۋاقىتلىق رەسمىي ئورگىنى دەپ تونۇيدىغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا رۇسىيىمۇ قوشۇلدى.

بۈگۈن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى رەسمىي ئۆتكۈنچى كومىتېت قاتارىدا قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، پارىژدىكى لىۋىيىنىڭ كېلەچىكى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىندا، لىۋىيە لىدىرى كازافىينىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلكىنى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم سۈپىتىدە بېرىش ۋە ناتونىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر يىغىنغا 60 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، خىتايمۇ يىغىنغا ئاز قالغاندا ئۆزىنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھازىرغىچە لىۋىيىلىك قوزغىلاڭچىلارنى رەسمىي ئورگان قاتارىدا تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى تونۇمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا «بىز لىۋىيە خەلقىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمىز، لىۋىيىلىك قوزغىلاڭچىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايمىز» دەپلا جاۋاب بەرگەن.