ئىسيانچىلارنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇجېلىل بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۈزىدە، كازافىينىڭ يەنىلا لىۋىيە ۋە دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كازافىينىڭ تۇغۇلغان يۇرتى سىرتەدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىسيانچىلار، يەكشەنبە كۈنى سىرتەگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىرتەگە شەرقتىن يۈرۈش قىلغان مىسراتا شەھىرىدىكى ئىسيانچىلار، يەكشەنبە كۈنى سىرتەنىڭ 150 كىلومېتىر شەرقىدىكى بىنجاۋاد كەنتىنى ئىگىلىگەن. كەنتنى ئىگىلەش داۋامىدا كازافىي تەرەپدارلىرىنىڭ يېنىك دەرىجىدىكى قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.
ئىسيانچىلار نۆۋەتتە سىرتە شەھىرىنى كازافىينىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى دەپ قاراشماقتا. ئىسيانچىلار قوشۇنىنىڭ باياناتچىسى سىرتەنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن كازافىي تەرەپتارى قەبىلە باشلىقلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، ئەگەر چاقىرىق ئىشقا يارىمىسا، ھەربىي ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پايتەخت ترىپولى كازافىيدىن تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، تۈرمىلەردىكى 10مىڭغا يېقىن تۇتقۇن قويۇۋېتىلگەن. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە بەزى جايلاردا كوللېكتىپ جەسەتلەرنى بايقىغان. ئەمما بۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئىسيانچىلار ياكى كازافىي كۈچلىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشمىغان.
ئىسيانچىلارنىڭ ترىپولىنى ئىگىلىشىدە ترىپولىنىڭ ئىچىدىكى كازافىيغا قارشى پدائىيلارنىڭ ھەمكارلىقىدىن باشقا، ناتو قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. ئىسيانچىلارنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجېلىل بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ناتو قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە يەنىلا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.