ئەنگلىيە فرانسىيە، ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە پارىژدا ئۇچراشتى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچرىشىشقا فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېرۇن ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىملار قاتناشقان.
ئۇلار، لىۋىيىگە قارىتا قوللىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆز دۆلەتلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋەزىپىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، كازافي قىسىملىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى فرانسىيە-ئەنگلىيە قىسىملىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى بولسا كازافي ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
ب ب س دا نەقىل قىلىشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېرۇن كازافينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە يالغان سۆزلەپ، ئۆز خەلقنى قىرغىن قىلىشنى توختاتمىغانلىقى، شۇڭلاشقا لىۋىيە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. بىز بۇنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىز كازافينى ئۆز قىلمىشلىرىغا بەدەل تۆلىتىمىز.
پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار چىقىرىپ، لىۋىيە خەلقنى كازافينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ساقلاش ۋە كازافيغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش قارارى ئالغان ئىدى.
بىر لەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن مەزكۇر قارارنى: تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.