لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى لىۋىيىدىكى مۇھىم نېفىت بازىسىنى ئىگىلىگەن

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى شەنبە كۈنى لىۋىيىدىكى مۇھىم نېفىت بازىسى برېغا شەھىرىنى ئىگىلىگەنلىكى جاكارلىدى.

قوزغىلاڭچىلارنىڭ بۇ غەلىبىسى ئۇلار مۇھىم ئىككى شەھەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ ئەتىسى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ خەلقئارا ئاخباراتلاردا كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ بارغانچە ئاجىزلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ كۆرسىتىلمەكتە.

تېلېگراف گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرى: سانائەتلەشكەن بارلىق رايونلار ھەمدە برېغا شەھىرى ھازىر بىزنىڭ ئىلكىمىزگە ئۆتتى، دېگەن ۋە كازافىي قىسىملىرىنىڭ بېشر تەرەپكە قاراپ چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ كازافىي قىسىملىرى ۋە پايتەخت ترىپولىغا ياردەم ئەسلىھەلىرى يەتكۈزۈلىدىغان قاناللارنى توسۇشقا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرى جۈمە كۈنى زاۋىيەھ ۋە زلتەن شەھەرلىرىنى ئازاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.