رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، كازافىينىڭ باياناتچىسى ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ئىسيانچىلار ئارىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ھەمدە ناتونىڭ بومباردىمان قىلىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ تەلەپنى لىۋىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇسا ئىبرايىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى كازافىينى قوغلىۋېتىشنى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىماسلىققا دەۋەت قىلدى.
20-ئاۋغۇست كۈنى ئىسيانچى كۈچلەر لىۋىيە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن پايتەخت ترىپولىغا يېقىن ئىككى شەھەردە قاتتىق جەڭ قىلغان بولۇپ، كازافىي تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئىسيانچى كۈچلەرنى لىۋىيىنى ۋەيران قىلماقچى دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.
كازافىيگە قارشى ئىسيانچى كۈچلەر ترىپولىغا شەرق، غەرب ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كەلمەكتە ھەمدە قوزغىلاڭچىلار ترىپولىدىكى خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەكشەنبە كۈنى قوزغىلاڭچىلار ترىپولىنىڭ يېنىدىكى كازافىينىڭ ئوغلى قوماندانلىق قىلغان بىر قوشۇننى مەغلۇپ قىلىپ، نۇرغۇن قورال-ياراقلارغا ئىگە بولغان.
لىۋىيە شەھەر ئەتراپىدىكى شەنبە كۈنىدىكى ئۇرۇشتا ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرەپتىن 31 ئادەم ئۆلگەن ۋە 42 ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن.